ئادىشىش
تۇرغۇنئاي ئۆمەر
تېپتېنىچ ئېقىندا يۈرەتتىم لەيلەپ ،
ھاياتنى شۇ كەبى تېپتېنىچ سېزىپ .
تۇيۇقسىز بىر دولقۇن كەلدى ئېقىنغا،
خىيالىم جۇش ئۇردى ئېقىننى كېزىپ.
مەڭزىمنى سۆيمەكچى بۇلاتتى دولقۇن،
تىترىگەن قەلبىمگە تەسەللى بېرىپ .
ئۆزۈمنى شۇ قەدەر مەزمۇت تۇتساممۇ،
قالاتتىم بەزىدە نىشاندىن ئېزىپ .
ھېسلىرىم ئۇنىڭغا باغلانسىمۇ گەر ،
قېچىشنى ئويلايتتىم ئۇنىڭدىن تېنىپ.
ۋەلېكىن بۇ كۆڭلۈم يول قويمايتتى ھېچ،
ئۆزۈمنى ئۇنتۇپلا قالاتتىم بېقىپ .
ئەزەلدىن ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەستىم ،
ئۇمۇ ھەم ئادىشىپ قالغانتى كىرىپ .
نە سەۋەب باغلاندىم بۇنچىلىك مەھكەم،
ھېچ جاۋاپ تاپمىدىم قەلبىمنى قېزىپ .
ئەڭ شىرىن تۇيغۇنىڭ كەينىگە كىرىپ ،
قالدىمغۇ بىراقلا گۇناھقا پېتىپ .
ئايرىلىش قانچىلىك دەششەت بولسىمۇ ،
ماڭمىسام بولمايتى يولۇمنى تېپىپ.
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار :qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
80 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇنئاي ئۆمەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-31 9:03:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|