مۇساپىر
ئوخشىمايدۇ تەلەپپۇز، ھەتتا تىخى تامىقى،
ئۆزگىچىدۇر ئەنئەنە، تۇتقان ئۆرۆپ-ئادىتى،
ئۆز يۇرتىدەك يوق تىخى، تاتلىق سۈت-قايمىقى.
بۇندىن ئارتۇق دەرت-ئەلەم،مۇساپىرغا بامىتى؟
كۆنمەي يوق ئامال-چارە، كۆنىدىكەن مۇساپىر.
ئىسىل كۈن دەم ئىلىش،ھىيت-ئايەملەر كەلگەندە ،
يىقىنلىرى بىر- بىرلەپ ئۆيلىرىگە كەتكەندە .
ئائىلىنى سىغىنىش يۈرەكلەردىن ئۆتكەندە ،
جەم بولارمىز يىقىندا، پۇرسەتلەرگە يەتكەندە.
دەپ ئۆزىگە تەسەللى، بىرىدىكەن مۇساپىر .
تىرىكچىلىك غىمىدە كۆپ جاپالار تاتقاندا ،
بەزىلەردە بازاردا گازىر- پۇچاق ساتقاندا .
ئالغا باسماي تىجارەت باشلار تازا قاتقاندا،
تەن ئاجىزلاپ بەزىدە كىسەل بۇلۇپ ياتقاندا.
كۆمىگەننى ئۆلگىدەك ، كۆرىدىكەن مۇساپىر .
كۈچەيگەشكە تىخىمۇ يۇرتقا بولغان مۇھەببەت،
شۇ سەۋەپتىن يۈرەكلەر،تاتتى كۆپلەپ ئەلەم-دەرت،
مۇساپىرغا يۇرتىنى سىغىنماق بىر ھەقىقەت،
شۇ يۇرتىغا قايىتماق نىسىپ بولمىغاچ پەقەت.
كۆڭۈل يىرىم ھەر دائىم يۈرىدىكەن مۇساپىر .
مانا شۇنداق ھەر دائىم كۆڭۈل يىرىم يۈرسىمۇ،
گاھى يىغلاپ گاھىدا مەجبۇرلاچە كۈلسىمۇ .
كۆپ جاپالار ئىچىدە مىڭ تىرىلىپ ئۆلسىمۇ ،
بۇنچىۋالا دەرتلەرگە ئاچچىقلاشنى بۈلسىمۇ ،
بارچە ئىشنى تەغدىردىن كۆرىدىكەن مۇساپىر .
باسقان قەدەم ئەلۋەتتە، خاتا يولدا بولمىغاچ،
قەلىپ ئەمەس غەپلەتتە، قاراڭغۇغا تولمىغاچ.
ئىرادىسى مۇستەھكەم ،بوشاشمىغاچ-سۇلمىغاچ،
ھەممە ئىشنى پەقەتلا سىناق دەپلا ئويلىغاچ .
سەۋىر قىلىپ يەنىلا ،چىدايدىكەن مۇساپىر .
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
2015.6.6 شەنبە
چ چ نۇمۇر : 2805558168
200 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-25 18:54:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-2 12:16:33 | subinur |
bak yahxi yizipsiz . tihimu tirixig |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|