تەتىل توشۇپ
ئارزۇگۈل ئوسمان
دەم ئېلىشلار تۈگەپ كەتتى تەتىل توشۇپ،
ساياھەتلەر ئاخىرلاشتى تەتىل توشۇپ،
بارار يەرلەر چالا قالدى بارالماستىن،
يۈرەكلەردە ئارمان قالدى تەتىل توشۇپ.
ئۆگىنىشتە ئۆتتى تېخى ئىيۇل ئېيى،
ئاز كەلگەندەك ئاۋغۇستتا ئىمتىھان غېمى،
ئالدىراشلا ئۆتتىغۇ تەتىلنىڭ تېڭى،
سۇنالمىدۇق پۇت -قولنىمۇ تەتىل توشۇپ.
ئاياللىرىمىز ئوچاق بېشىدا قازان تۇتۇپ ،
ئۆي تازىلاپ ،بەزەن تېخى كىر-قات يۇيۇپ،
قانمىغانتۇق ئۆيلىرىمىزدە مېھمان كۈتۈپ ،
تالاي مېھمان كېلەلمىدى تەتىل توشۇپ.
ئۈزۈلمەستىن ھەر تەرەپتىن باغاق كېلىپ ،
توي -تويلارغا چىللىغاندا ناغرا چېلىپ ،
سەت تۇرمامدۇ بارمىساق <كۆڭۈل>ئېلىپ،
ھاردۇقنىمۇ ئالالمىدۇق تەتىل توشۇپ.
شۇندىمۇ زارلىمايمىز ئوقۇتقۇچى بىز،
سەبىيلەر قەلبىنى ھەم يورۇتقۇچى بىز،
ئەل ۋە ۋەتەن يولىدا قالدۇرۇپ كۆپ ئىز،
چۈشۈپ كەتتۇق خىزمەتلەرگە تەتىل توشۇپ.
2015.يىلى8.ئاينىڭ23
كۈنى كەچ سائەت 11:25ئۆتكەندە يېزىلدى
142 قېتىم كۆرۈلدى | arzu313 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 8:54:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|