ياتسىرايدۇ قەلبلەر

         ياتسىرايدۇ قەلبلەر
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )

مېھىرلەرنى بەرمىسەڭ ، ياتسىرايدۇ قەلبلەر ،
ئادىمىيلىك بىلمىسەڭ ، تۇتاشمايدۇ قەلبلەر ،
ئويلاپ پەقەت ئۆزىڭنى،دوغا تىكسەڭ سۆيگۈنى ،
جانان قورقماي كىلەمدۇ ، ئۇتالمىساڭ قەلبلەر .

سۆيگۈ شېرىن بولسىمۇ،بىلەلمىساڭ بىكاردۇر ،
چىن يۈرەكتىن سۆيساڭمۇ،كۆيۈكلىرىڭ بىكاردۇر ،
ئەقىدىنى بىلمىسەڭ ، بىلجىرلىما يايرىم دەپ ،
راھېتىنى قوغلۇشۇپ ، دەرتلەر سالساڭ بىكاردۇر .

بىيىت توقۇپ يالغاندىن ، سۆيدۈم دېسەڭ بولامدۇ ؟
مەنپەئەت دەپ جاناننى ، ئالداپ يۈرسەڭ بولامدۇ ؟
ئىتتىرمىگىن ئوتلارغا ،  كۆڭۈل نازۇك ، بۇنى بىل ،
چىن يۈرەكتىن سۆيمەمسەن ، ئۇۋال قىلساڭ بولامدۇ ؟

ئاجىزلارنى ئاياشنى ، بىلىۋالغىن ئەركەكلەر ،
ئازاپ قىلماي ئۇلارغا ، كۆڭۈل بۆلگىن ئەركەكلەر ،
ئاجىزلارنىڭ ئېچىدە ، باردۇر سېنىڭ تۇققۇنۇڭ ،
ۋېجدان بولسا سېنىڭدە ، ئويلا نۇمۇس ئەركەكلەر .

سۇلار كېتۇر ، ساي قالۇر ، ئوسما كېتۇر ، قاش قالۇر ،
سۆيگۈڭ يالغان بولسىلا ، يانلىرىڭدا كىم قالۇر ؟
ساداقەتنى بىلمىساڭ ، سارغىيارسەن غازاڭدەك ،
ۋاپادارلىق بىلمىسەڭ ، يۈرەگىڭدە دەرت قالۇر .

پەزىلەتلىك بول دوستۇم ، ياشا مەڭگۈ ئەركەكتەك ،
بىلگىن ھايا ، نۇمۇسنى ، ياشاپ يۈرمە تۈلكىدەك ،
كىرمە ھېسيات كەينىگە ، پەزىلەتلىك بول دوستۇم ،
بىل ئاياشنى ئاجىزلار ، ياشا خۇددى بۈركۈتتەك .

ئىلىم - پەننى ئېگەللەپ ، كۆكتە پەرۋاز قىلغىنسەن ،
ئاجىزلارنى قەدىرلەپ ، ئېسىل ئەركەك بولغىنسەن ،
ئويلاپ ئېجىل - ئېناقلىق ، ياشا ۋەتەن ،ئانام دەپ ،
جەسۇر ئوغلان ، بولۇپ مەرت ، ۋاپادارلىق بىلگىنسەن .


تەھرىر : ئابلىمىتجان ۋاھاپ 
     


     





123 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-26 15:33:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ