يۈرەكتىكى چىغىر يول
باھارگۈل ئىبرايىم
يالغۇز ئاياغ چىغىر يول ئارا،
سۈكۈت ئىچرە ئايلاندىم ئۇزاق.
ياشلىقىمنىڭ يۇمران بىخلىرى،
كەچمىشلەردىن تاشلىغاچ ياپراق.
تاڭ سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى،
يۈزلۈرۈمنى سۆيمەكتە گويا.
تارام-تارام تۆكۈلگەن شەپەق،
بويلۇرۇمغا تۆكمەكتە زىيا.
گۈلنەپشىنىڭ خۇش بۇي ھىدىدەك،
ئۇرۇلغاچقا دىماغقا ھاۋا.
خىيال قۇشۇم ئۇچماقتا ھەريان،
ۋۇجۇدۇمدا ئەيلىشىپ ناۋا.
ئوخچىماقتا بىر ئېزگۇ تىلەك،
قىلىپ پەرياد تاڭ ساباسىغا.
خۇشتار بولغاچ يىگانە كۆڭلۈم.
ئەتتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىغا.
ساپ ھاۋالار گويا سازچىدەك،
چالدى دىلنى مىسكىن ئاھاڭغا.
كۆكلەپ چىقتى يىڭىچە ئارزۇ،
مەھلىيا بوپ يېڭى بىر تاڭغا.
2015-يىل 21-ئىيۇن باي
176 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 0:38:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|