ئۇ دۇنيادا كۈتەي ئەمدى
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
نازلىرىڭنى كۆرسەم ئەگەر ،
ئالتۇن يازدا بەرسەڭ خەۋەر ،
ئىللىمامتى يۈرەكلىرىم ،
تاتلىق قىلىپ ، سۆيسەڭ ئەگەر .
يۈرەكلەرگە سالماي ئازار ،
تېرىپ گۈللەر ، قىلماي مازار ،
ئەقىدەمنى بىلسەڭ شۇ چاغ ،
نۇرلۇق چىراغ ، مەڭگۈ يانار .
يۈرەكلىرىڭ بولسۇن چوغلۇق ،
ياڭراپ تۇرسۇن سازىڭ مۇڭلۇق ،
قىلما تەشۋېش ، ئازما گۈلۈم ،
مېھىرلىرىڭ بولسۇن نۇرلۇق .
كۆرسەم دەيمەن بەختىڭ سېنىڭ ،
بىلسەڭ مەڭگۈ قەدرىم مېنىڭ ،
چىدالمايمەن تۆكسەڭ ياشلار ،
ئامان بولسۇن ، مەڭگۈ تېنىڭ .
قىزىل گۈللەر سۇناي ساڭا ،
ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەي يانا ،
ئاچچىق قىلما دەزلەپ يۈرەك ،
يۈرەكلەرنى قىلماي يارا .
نۇرلۇق بولسۇن ماڭغان يولۇڭ ،
قۇتلۇق بولسۇن سېنىڭ تويۇڭ ،
ئېزىلسىمۇ يۈرەكلىرىم ،
تىلەي ساڭا ، بەختىڭ بولسۇن .
ئاھۇزارىم يۈتسۈن ئەمدى ،
پىچىرلاشلار قىلماي ئەمدى ،
خۇشال ياشا ، چەكمەي ھەسرەت ،
ئۇ دۇنيادا كۈتەي ئەمدى .
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
68 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 13:42:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|