تاللاشلار قسمەتكە بولىدۇ پايخان
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
ياشىدىڭ قانچلىك؟ئويلنىپ كۆرمەي،
قېرىتىپ بارامسەن ئالتۇن ياشلىقنى؟
ھاياتىڭ مەنزىلى نە؟ بىكىتى قايان؟
تاپالماي يۈرەمسەن،قەلەم قاشلىقنى،
بىرنى چوڭ بىلىپ،بىردىن چېنىپ،
بىرلەرنى ئەزىزلەپ،بىرىدىن تىنىپ
بىرنى ياقتۇرماي، بىرلىرىگە چىقىپ،
ناھەق مۇش ئاتقۇزدۇڭ،يالغاننى قتىپ.
چۆكەرىسەن خىياللار چوڭقۇرلىقىغا،
تاللاشلار قىسمەتكە بولىدۇ پايخان.
كۈتىسەن كىمنىدۇر ھايات يولوڭدا،
ئەمما ئۇ كۈلىپەتتە ئۆلىدۇ ئايخان.
ئۆتىدۇكۈنلىرىڭ ئۆمۈر ئۆتكەندەك،
رىئاللىق بىلىنەر چۈشتەكلا ھامان.
چۈش ئەمەس بەلكى،قارا باسقاندۇر،
ئىشنىپ باقىسەن بولىسمۇ يالغان.
يالغۇزلۇق قينايدۇ،تەنلىرىڭ ياپراق،
ياپىراقىمۇ ۋاقېتسىز بولىدۇ خازان.
يەتكۈڭ بار مەنزىلىڭ،ئامالسز ئەمما،
قەدەمنى مىڭ تەستە يۆتكەيسەن ئاران.
يوقىتىپ بارسەن بىر-بىرلەپ ئاستا،
مەنېىسز تۇيۇلار پۈتكۈل يەر-جاھان.
ماڭسەن مەنزىلىڭ بىر ئۆمۈر ياياق،
مەڭگۈلۈك تاللاشلار بىكەتتە قالغان.
2017-يىلى14-ئىيۇن گۇما(قارىتاغىز)
تەھرىرى :مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
48 قېتىم كۆرۈلدى | bodak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-14 10:35:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|