«مېھىر ۋە ئىشەنچ»
ئاپتۇرى:ئېھسان(ئاۋات)
ئادەمگە ئادەملەر كۆپتۇر زىمىندا،
ئادەمگە كېرىكى ئادەمدەك ئادەم.
مېھىر ۋە ئىشەنچلەر يوقالسا ئەگەر،
ئادەمگە بولمامدۇ ھەر كۈنى ماتەم.
مېھىر دىگەن بەك ئىسسىق نەرسە،
قۇياش كەبى نۇر-زىيا چاچار.
مېھىرگە تەشنا ھەر بىر دىلارغا ،
ھارارەتلىك كەڭ قۇچاق ئاچار .
ئىشەنچ بولسا ئەركەك تۇختامى،
ئىشەنچسزدىن ئادەملەر قاچار.
نامەرتلەرنىڭ خىسلىتى خۇيى ،
ماختاپ تۇرۇپ دوستىنى ساتار.
مېھىرلەرگە كۆز تەككەن كۈنى ،
تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاقار .
ئىشەنچلەرگە كۆز تەككەن كۈنى،
سىرداشلىرىڭ سىرىڭنى يايار.
ئادەملەرگە كېرەكدۇر ئادەم ،
ئادەملەردەك ۋىجدانلىق ئادەم.
ئادەم سۇپەت تۇلكە بولسا گەر،
بۇ زىمىندا ماتەمدۇر- ماتەم.
2015/8ئاۋغۇست چۇش
ئۇندىدار1410037590/ihsan571633
146 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-16 11:15:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|