يۈتكەن بالام
ئاھ بالام دەپ يىقىلدىم مەن ھالسىراپ،
كەتتى بالام يۈرەك باغرىم قان بوياپ.
مەيلى ئەمەس كەتتى پەقەت ئالدىنىپ،
مەن قالدىمغۇ ئىزلىرىدىن ھىد پۇراپ.
نامەرد كەتتى بالام قولى يىتىلەپ،
ئاھ-زارىمغا قارىماستىن يۈگۈرەپ.
جىنىم بالام،جانجىگەرىم قايدا دەپ،
يۈرەرىمەن دەشتى-چۆلدە تەمتىلەپ.
جىنىم ئانام،جىنىم دادام قېنى دەپ،
يىغلار ئىدە بالام كۈندە چۈشۈمدە،
يۈرەك باغرىم ئۆرتەندىغۇ جان بالام،
سېنى قاچان كۆرەرمەن دەپ كۆزۈمدە.
يىغلىمىغىن جىنىم بالام،جان بالام،
سېنى ھامان بىركۈنى مەن تاپارمەن،
ئاشۇ نامەرد ئىنسان پۇت-قوللارىگە،
ئۆز قولۇمدا كويزا-كىشەن سالارمەن.
زۇبەيدە تۇرسۇن 2015 -8-6
شىنجاڭ سەبىيلەرنى قوغدايلى!پىدائىيلار ئەترىتى
155 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-7 10:07:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|