ئانا
شئېر
ئانام ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمغا ئاتاپ
ئۇلۇغلۇق تەختىدە بىر ئۆزۈڭ ئانا،
تەڭ تەۋرەر قۇلۇڭدا بۆشۈك ۋە دۇنيا.
ھەر كۈنى قىلىسەن بالام دەپ دۇئا،
تەس بولدى ئەجىرىڭنى قايتۇرۇش ماڭا.
كىرسە تىكەن قۇلۇمغا كىرپكىڭ ئالدى،
گۈلۈم ئۈچۈن چاچلىرىڭ سېۋەت تۇقۇلدى.
يوللۇرۇمنى يۈرۈكۈڭ چوغ بوپ يۇرۇتتى،
جېنىم ئانا ،مىنى دەپ گۈل ئۆمرۈڭ كەتتى.
يىمىدىڭ يىگۈزدۈڭ،كىيمەي كىيگۈزدۈڭ،
مەن ئۈچۈن غەم يەپلا ئۆزۈڭ تۈگۈدۈڭ.
خاتانى مەن يازسام تىنماي ئۆچۈردۈڭ،
ھېلھەم ئېسىمدە ئاخىرقى سۆزۈڭ.
بېشىمنى سىلىغاچ مۇڭغا پاتاتتىڭ،
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشغىن دەيتىڭ.
ئىنسانلىق خىسلەتنى خورلىما دەيتىڭ،
نامەردلىك پەسلىكتىن يىراق بول دەيتىڭ.
ھەم دەيتىڭ جىكىلەپ قىلمىغىن ياشلىق،
قۇلۇڭدىن كەلسىلا يەتكۈز ياخشىلىق.
ۋىجدانىڭ ئالدىدا بولما مۇناپىق،
ئەجدادىڭ يىلتىزى ئەمەستۇر پاسىق.
ئىزدىسەم تېپىلماس نەرخىڭ بىباھا،
ئاق سۈتۈڭ جان بەرگەن ئاجىز جېنىمغا.
مېھرىڭنىڭ تەپتىدىن يانىدۇ لاۋا،
كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن قەدىردان ئانا.
بۇ شئېر قىزىڭنىڭ كۆڭلىدۇر ساڭا،
ھەم يەنە ئانىغا بېرىلگەن سوۋغا.
سەن بولغىن زىمىندا ياكى سامادا ،
ئاڭلىغىن بىر ئېغىز ئېيتار سۆزۈم بار،
بايرىمىڭ مۇبارەك بولسۇن جان ئانا.
بارلىق ئانىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
ئاپتورى:خ.چەشمە
193 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-4 14:00:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-6 0:58:01 | چەشمە |
رەھمەت سزگە دوستۇم ،پىكىر بەرگىنىڭىزدىن خۇرسىنمەن،،،،،رەھمەت |
2015-8-5 1:25:10 | م،ئىزچى |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ھېسىياتمۇ چىن ئىپادىلىنىپتۇ، قۇلىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن، تېىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|