ئۇنۇتتۇڭ
(مۇخەممەس )
ئاپتۇرى:گۈلجامال يولۋاس
مىھرىمنى بىرىپ مەن يۈرەكتىن سۆيسەم ،
سىنى جىنىمدىن ئەزىز دەپ كۆرسەم،
ۋۇجۇدۇم ئىشقىڭدا ئوت بولۇپ كۆيسەم،
كۆيگىنىم بىلمىدىڭ قەدرىم ئۇنۇتتۇڭ،
ۋاپاسىز يار بولۇپ مىنى ئۇنۇتتۇڭ.
كۈتمەيتىم سىنىڭدىن پۇل دەپپە دۇنيا،
كۈتمەيتىم سىنىڭدىن ئىسىل تاۋار ئۆي،
كۈتمەيتىم دائىملا مىنى دەپ ياشا،
كۈتەتتىم ئاز تولا مىھىر ۋە ۋاپا،
بىراق سەن ۋاپانى مىنى ئۇنۇتتۇڭ .
ۋىجدانىڭ سىتىپ سەن خۇشال بولدۇڭمۇ،
بەختىڭنى بىلەلمەي نابۇت بولدۇڭمۇ،
پەرۋايىم يوق ئەمدى سەن بىلەن مەڭگۈ ،
خار بولغىن يا شۇنداق شاتلىق كۆردۈڭمۇ،
بىلمەن مەن پەقەت سۆيسەم ئۇنۇتتۇڭ،
يۈرىكىم مۇز بولۇپ قاتتىغۇ ئەمدى ،
ۋىجدانسىز كىشىنى سۆيمەيدۇ ئەمدى،
ئۆزۈمچۈن ياشايمەن مەڭگۈگە ئەمدى،
چۈنكى سەن نامارتلىك قىلدىڭ ئۇنۇتتۇڭ،
نازۇك شۇ گۈلۈمنى يۇلدۇڭ ئۇنۇتتۇڭ.
سەن ئاڭلا كەلمىگىن ئەمدى قىشىمغا،
كەلتۈرمە دەرت ئەلەملەر بىشىمغا،
يۈز كىلەلمەسسەن شۇ ئاققان يىشىمغا،
كۆڭلۈمگە خەنجەرنى سالدىڭ ئۇنۇتتۇڭ،
ساداقەتمەن ۋاپالىق يارىڭنى ئۇنۇتتۇڭ.
گۈلجامال يولۋاس
2017.6.7
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
56 قېتىم كۆرۈلدى | guljamal198 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-11 20:47:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|