ئەخلاق (غەزەل)
شادىيە مۇھەممەت
ئولتۇرار ھۆرمەت تەخىتتە ئەخلاقلىق بەندە،
پەرىزات كۆرىنەر گەر كەيسىمۇ جەندە.
ئەخلاقسىزنى كۆرسە، يىراق قاچار چىۋىنمۇ،
ئەخلاقسىز ئادەمدىن ياخشاراق بەتبۇي گەندە.
ئەخلاقلىق ئادەم ئەل نەزىرىدە بايۋەتچە،
ئولتۇرسىمۇ بوران ئۇچىدىغان كەپىدە.
ئەخلاقسىز ئادەم ئولتۇرسىمۇ داچىدا،
مىليونىر بولسىمۇ ئۇ يەنىلا قەلەندە.
ئەخلاقلىقنىڭ سۆزى تۇختاۋسىز مۇڭلۇق كۈي،
ئۆزى بولسا ئەل قەلبىدىكى بىر سازەندە .
ئەخلاقلىقنى ئۆزىگە كىم ئۆمۈرلۈك تۇتسا دوسىت،
ئۇنىڭغا دائىم ياخشى يول بۇلۇر بەخشەندە.
2015-8-6 تۇرپان
165 قېتىم كۆرۈلدى | شادىيە مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-6 17:25:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|