مەيلى دەڭ
ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى
مەھەلەمدىن چىقتىم بۈگۈن يارسەنەم،
سىزگە ئوتلۇق بېقىشمغا مەيلى دەڭ.
سەۋدا بولغان بىر ئاشىقمەن سىزئۈچۈن،
دىلغا ئوتلار يېقىشىمغا مەيلى دەڭ.
مەيلى دەڭ يار،مەيلى دەڭ يار، مەيلى دەڭ،
مىنى مەجنۇن ئۆزىڭىزنى لەيلى دەڭ .
مۇھەببەتتە بىرگە بولۇپ بىر ئۆمۈر،
بىرنان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يەيلى دەڭ.
كەتمەڭ يارىم مەندىن قېچىپ يىراققا،
چىدالمايمەن قالسام ئىشقى پىراققا،
يۈرەك كۆيەر سىزدەك گۈزەل ئوماققا،
گۈلخان بولۇپ يېنىشىمغا مەيلى دەڭ.
ئىككى دۇنيا ئۆتكۈم كىلەر سىز بىلەن،
ھايات گۈزەل سىزدەك پەرى قىز بىلەن،
چىن مۇھەببەت ياشناپ كەتسۇن بىز بىلەن،
ئاشىق كۈيى چېلىشىمغا مەيلى دەڭ .
ئۈندىدار : 1977084646
سەن يوق گۈلۈم
ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى
بىر سۆزۈم بار ئىيتالمىدىم،
يانلىرىڭغا قايتالمىدىم.
خۇش ھېدىڭنى پۇرالمىدىم،
سەن يوق گۈلۈم ،سەن يوق گۈلۈم.
ئايسىز كېچە يالغۇز ئۆزۈم ،
يوللىرىڭدا قالدى كۆزۈم ،
قاچان ساڭا يىتەر سۆزۈم ،
سەن يوق گۈلۈم ، سەن يوق گۈلۈم.
ئۆتتى كۈنلەر بەكمۇ غەمكىن،
دەتلىرىمنى بىلمەس ھەركىم،
بولالمىدىم يايراپ ئەركىن،
سەن يوق گۈلۈم ،سەن يوق گۈلۈم.
سەۋدا ئىدىم ساقسىز بولدۇم،
مەجنۇن تۇرۇپ يارسىز بولدۇم،
ھالىم خاراب دەتكە تولدۇم،
سەن يوق گۈلۈم ، سەن يوق گۈلۈم،
قىينار دىلنى ھەسرەت پىراق،
ئۈمىدلەرىم سەندىن يىراق،
سۆيگۈ ماڭا ئۆچكەن چىراق،
سەن يوق گۈلۈم ، سەن يوق گۈلۈم،
ئۈندىدار : 1977084646
يۇقارقى شېئىرلارنى ناخشا قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ. ئۈندىدار ؛1977084646
83 قېتىم كۆرۈلدى | danish | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 13:55:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-24 10:31:06 | ھەسەنجان |
يۇقارقى شېئىرلار ناخشىچىلارغا بىرىپ بولۇندى . ئىشلىتىشكە، تارقىتىشقا بولمايدۇ . خىلاپلىق قىلغۇچىلار بارلىق قانۇنىي مەسئوليەتكە ئۆزى ئىگە . ئاپتور -ھەسەنجاندىن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|