سىنى سۆيىمەن
مىرزات ئېزىز
چۈشەنگۈچە سەن پاك قەلبىمنى،
سەۋىر بىلەن سىنى كۈتىمەن.
ئىشەنگىن سەن بۇ چىن سۆيگۈمگە،
بىر ئۆمۈرگە سىنى سۆيىمەن.
ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ باشقا،
سەن بولغاچقا كۈلۈپ يۈرىمەن.
جېنىم ئامان بولسىلا ھەرۋاخ،
گۈزەل يايرىم سېنى سۆيىمەن.
چۈشسە ئەگەر بېشىمىزغا كۈن،
سېنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈم ئۆلىمەن.
خوشال ئۆتسۇن كۈنلۈرۈڭ جېنىم،
پەقەت بىرلا سېنى سۆيىمەن.
بەختىمىزنى تىلەپ خۇدادىن،
شىرىن تاتلىق خىيال سۈرىمەن.
ئايرىمىسۇن بىزنى ئاللاھىم،
سەن نىگارنى دىلدىن سۆيىمەن.
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
139 قېتىم كۆرۈلدى | MIRZAT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-26 19:25:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|