ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
يۈرىكڭدىن مۇھەببەت بەرگەن،
ماڭا ئاتاپ گۈلدەستە تەرگەن،
جاپالاردا قول تۇتۇپ ئۆتكەن،
ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.
سېنىڭ بىلەن ھەر پەسىل باھار،
كۆزلىرىڭدىن شەربەت سۇ ئاقار،
ھەر كۈلكەڭدە مىڭ قۇياش يانار،
ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.
سېنىڭ بىلەن تاپىمەن سۈلكەت،
ساڭا باقسام قۇچىمەن نۇسرەت،
ياكى تارتاي ئالەمچە كۈلپەت،
ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.
يار كۆزۈڭگە تىكىلىپ باقتىم،
گۈلبەرگىڭگە لېۋىمنى ياقتىم،
بىرلا سەندىن بەختىمنى تاپتىم،
ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.
2015-يىل 7-ئاي 22-كۈن
283 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-22 20:37:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-9 0:07:49 | دۇلدۇلى |
ياختۇردۇم يېقىملىق سۈزۈك ھىسلىرىڭىزدىن ئىلھام ئالدىم ئەينەك |
2015-8-1 21:14:12 | ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش |
تورداشلارنىڭ بەرگەن باھالىرىغا تەشەككۈر |
2015-7-31 23:38:52 | |
سېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ داۋاملىق ئالغا |
2015-7-29 18:21:04 | مەمەتجان |
ياخشى |
2015-7-29 11:29:35 | ئابدكىرەم جام |
بەك ياخشىى يېزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|