ۋەتەن ھەققىدە مۇۋەششەھ
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
ۋەتەن ئۇلۇغ ، مۇقەددەس مېھرى ئاتەش ئۇز ماكان ،
ئەللىك ئالتە قېرىنداش قەلبىدە بۈيۈك ئارمان .
ئەبەدىيلىك ئەمىنلىك پۈتكۈل ئەلنىڭ ئارزۇسى ،
ئورتاق غايە يولىدا قولنى -قولغا تۇتۇشقان .
تەرەققىيات نىشانى يورۇق قىلىپ مەنزىلنى ،
ئەل -ئاۋامنى يېتەكلەپ كومپارتىيەم پاسىبان .
ئەجەپ ئوبدان شات كۈنلەر ، ئاسايىشلىق ، بەختىيار ،
ئىتتىپاقلىق ، بىرلىك -كۈچ ، ئەل -يۇرتىمىز پاراۋان .
ناۋا ئەيلەپ ھەر مىللەت ، توي -مەشرەپلەر ئوينايدۇ ،
ھاللانماقتا تىرىشىپ ھەر ساھەدە ھەر قاچان .
ئۇمۇمي خور ياڭرايدۇ ، كۆڭۈللەر شات يايرايدۇ ،
گۈزەل ۋەتەن قوينىدا ئازات زامان ، ھۆر زامان .
لاۋۇلدايدۇ يۈرەكتە ئەل -ۋەتەنگە مۇھەببەت ،
ۋەتەن بىلەن قەدرىنى تاپقۇسىدۇر ھەر ئىنسان .
ئۇيۇشقاقلىق ، ئىجىللىق بۈيۈك جوڭگۇ ئارزۇسى ،
جاسارەتتە ، غەيرەتتە ئەلنى قوغدايمىز ھامان .
غايە ئۈچۈن ھەر دائىم تىرىشىمىز كۈنسىرى ،
بۇرچىمىزنى ئاقلاشقا تولۇپ تاشقان كۈچ دەرمان .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
55 قېتىم كۆرۈلدى | ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-22 23:47:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|