ئۆتمەستىن خوشلىشىپ بىر كۈنمۇ تېخى،
پەرىشتەم قەدىرىڭ ئەجەب ئۆتۈلدى.
نە بىر كۈن مىڭ يىلچە ئۆتتى بەك تەستە،
ئۇنتۇشنىڭ مەنزىلى داۋان تۇيۇلدى.
ئۈمىدسىز رىئاللىق ،ئۈمىدسىز ھېسلار،
بىچارە سۆيگۈمنى قىلدى كۆپ سەرسان.
ئۇنتۇشقا قەسەمياد قىلساممۇ تەكرار،
ئەھدىمدە تۇرۇشتىن قىپقالدىم گۇمان.
تۇيغۇمدا مەن ئۈچۈن ھەممە كۆڭۈلسىز،
قاياققا قارىماي ئازاب رەڭگىدە.
كۈلمەكچى بولغانتىم تۆكۈلدى يېشىم،
قىلغاندەك تۇرقۇمنى ئاچچىق مەسخىرە.
ئەلەمدە چىشلىدىم لېۋىمنى تالاي،
يۈرەكسىز رەھىمغا مەدەتلەر تىلەپ.
سەن بەلكىم بەختىڭگە تۇتاشقان يولدا،
يۈرگەنسەن مەۋھۇم بىر نىشاننى كۆزلەپ.
مەيلىلا رازىمەن بەخىتلىك ياشا،
مۇڭسىراپ قالمىسۇن مەن سۆيگەن يۈرەك.
پەرىشان دەملەرگە خوش دېگىن كۈلۈپ،
خۇشلۇقۇم يوق ئەمدى شۇنىڭدىن بۆلەك.
208 قېتىم كۆرۈلدى | ئىپارگۈل ئوسمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-20 17:01:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-29 10:40:53 | ھىجىران |
بەك ياخشى يېزىپسىز 🌺🌺🌺🌺🌺🌸🌸🌸🌸 ماڭا بەكلا ياردى 👍👍👍👍👍 قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن👍 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|