ھاياتىمنىڭ چىن مەناسى سەن
ئەسرا
شۇنچە غەمسىز تەنتەك قىز ئىدىم،
يۈرەكلىرى ساددا - بىغۇبار .
قاچان سېنى ئۇچراتتىم جېنىم،
كۆزلىرىمدىن سۆيگۈ ئوت چاچار.
نەپەسلىرىم ئوتلۇق ، ئۇرغۇلۇق ،
ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كەتكەچ سەن.
چىن سۆيگۈڭ ھەم پاك ئەقىدەڭدىن ،
سىماب كەبى ئېرىگەن جان- تەن.
قەلبىمنىڭ سەن ئەزىز مېھمىنى،
بىر ئۆمۈرگە كۈتەي سېنى مەن.
ئايرىمىسۇن بىزنى ھەر كۈلپەت،
ھاياتىمنىڭ چىن مەناسى سەن.
136 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسرا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-1 1:32:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|