ئىسمىم دىلبەر ئابدۇراھمان يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىسمىدىن خىجىل بولىدىغان،ھەتتا ئىتراپ قىلمايدىغان،خالىغانچە ئۆزگەرتىپ،قىسقارتىپ،باشقا مىللەت ئىسىملىرىنى قوللىنىۋالدىغان بىر قىسىم قىرىنداشلىرمنى ئۇچراتتىم،،بۇ شېئىرىمنى ئەشۇ ئىسمىنىڭ قەدر-قىممىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلەرگە سۇنماقچى مەن!
رەڭدار تارىخ يىلتىز بولۇپ ئۆسكەن ياپرىقى،
ئىككى ياشنىڭ ئارزۇ-ئارمان ھەمدە شادلىقى،
سىڭىپ كەتكەن ھەم ئۇلارنىڭ بەرنا-ياشلىقى،
ماڭا غورۇر بېرىپ كەلگەن ئۇنىڭ خاسلىقى،
سېنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈممەن،پەخىرىم ئىسمىم!
سېنىڭ بىلەن بىلدى مېنى ئۆزۈم -ئۆزگىلەر،
سەن ئاتىلىپ يۈزلىرىمگە قوندى كۈلكىلەر،
سېنىڭ بىلەن ھەر سۈپەتلەر ماقامغا يېتەر،
سەن خارلانساڭ يۈرەك ئاندىن ئارتۇق ئۆرتىنەر،
سەن بىلەن مەن ئۆزۈممەن،غورۇرىم ئىسمىم!
سەن بىلەن ھاياتىم بولدى ئۆزگىچە،
پەرقلىق ياشايمەن جىسمىم يۈتكىچە،
ئەلۋەتتە كۆپ ئەمەل يىغىپ كەتكىچە،
يازىمەن غالىبان تارىخ پۈتكۈچە،
سېنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم،قەدرىم ئىسمىم!
ئىسمىم ئەمەسكى كۈلكە لەتىپە،
باغلانغان سېنىڭگە رىشتە-ئەقىدە،
نە كۆپكىن سەن ئۈچۈن يۈزلەپ قەسىدە،
چۈنكى سەن چوڭ نىئمەت،گۈزەل مۆجىزە،
سېنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم،يىلتىزىم ئسمىم!
ئىسمىمغا ھۆرمەتتە كۆكتە ھەم ئاسمان،
يادلايدۇ بىر ئاشىق قىلىدۇ ئارمان،
جار سالسا سەن كىم دەپ ئەگەردە زامان،
پەخىردە ئېيتايكى مەن دىلبەر راھمان،
سېنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم ،كىملىكىم ئسمىم!!
167 قېتىم كۆرۈلدى | دىلبەر ئابدۇراھمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-9 9:21:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-13 0:02:45 | abdikeram |
nahayiti yahxi yiziliptu rahmat |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|