ئەسلى ئۇلار خەق ئىكەن
مەردان نۇرمەمەت خۇشمۇي
قېرىنداش،دوست ئۆز بىلىپ،
ئون بار ماقتا شام يىقىپ ،
يۈرەكنى ئوت چوغ قىلىپ،
كۆيسەم بىلمەس خەق ئىكەن.
ھازىردۇرمەن يېنىدا،
كۆيۈپ بەردىم ئوتىدا.
سۇغا كىردىم گاھىدا،
ئېسىت ! ئۇلار خەق ئىكەن.
ئاياپ يۈردۈم يۈزىبى،
يىرماي كەلدىم سۆزىنى.
يۇمۇۋالدى كۆزىنى،
ئەسلى ئۇلار خەق ئىكەن.
ئۆز بىلەتتى ئۆز بولسا،
قىلغان سۆزى سۆز بولسا.
نىيەتلىرى تۈز بولسا،
ئەمما ئۇلار خەق ئىكەن.
لازىم بولسام ۋاي دىدى،
ئاسماندىكى ئاي دىدى.
ئەمدى يەردە لاي دىدى،
توۋا ئۇلار خەق ئىكەن.
ئەسلى بىلسەم كەلمەستىم،
ئۆزۈمنى خار ئەتمەستىم.
بۇنچە خورلۇق سەزمەستىم.
بىلسەم ئۇلار خەق ئىكەن.
ئىنسان شۇنداق كۆزى كور،
يىگەن ناننىڭ كەينى شور.
تېشى قاتتىق ئىچى پور،
ئەسلى ئۇلار خەق ئىكەن.
68 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-13 11:27:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-6-15 17:36:23 | پەشتاق |
ياخشى يىزىپسىز؟ قوللىرىڭىز تېلىپ قالمىغاي |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|