خەۋىرىم يوق
ئابدۇمىجىت ئىمام
خەۋىرىم بار بۇغداي نىمە؟! ئاق نان نىمە؟!
لىكىن خامان تېپىشلاردىن خەۋىرىم يوق .
خېمىرچەيلەپ كوسەي تۇتۇپ تونۇرغا ھەم ،
راسلاپ ناننى يېقىشلاردىن خەۋىرىم يوق.
ئىزدەپ يۈرمەڭ مەندىن شائىر خسلىتىنى،
ئوتلۇق غەزەل يېزىشلاردىن خەۋىرىم يوق.
مازاق قىلماڭ بەلگە يىتەر سۇدا ئۈزسەم ،
دولقۇن يېرىپ ئېقىشلاردىن خەۋىرىم يوق.
سوداقىلدىم سەۋەپ قىلدىم رىسقىم خۇدا،
ھارام پايدا ئېلىشلاردىن خەۋرىم يوق.
نوچىلارغا تىز پۇكلىنىپ خوپ ئەركىلەپ،
يۇۋاشقا مۇش ئېتىشلاردىن خەۋىرىم يوق .
266 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-30 20:32:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|