سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم
مۇھەممەدتوختى سەببەت
سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم،
كۈلەر ئۇندا ئارزۇ-ئارمانىم.
ھاياتلىقىم مەنبەسىدۇر ئۇ ،
باردۇر ئۇندا مېنىڭ داۋامىم.
سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم،
كىندىك قېنىم تامغان دىيارىم.
ئۇنتۇمايمەن بارسام قەيەرگە،
سېغىنىمەن،تۇتۇپ خۇمارىم.
سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم،
باغرى ئاتەش،جانۇ-جانانىم.
تارتىپ تۇرار مېھىر يىپىدا،
ئايرىلسام گەر،قالماس مادارىم.
سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم،
باغلىرىدا ئالما-ئانارىم.
مېھنەت سۆيۈپ ياشايمەن بۇندا،
كۈمۈش تەردە چاقنار سىمايىم!
سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم ،
كۈلكەم تاتلىق،يوقتۇر ئازارىم.
توپا تومان كەزگەن ئېتىزدا،
شاد ناخشىغا جۆردۇر ئاۋازىم!
سەھرا مېنىڭ ئانا ماكانىم ،
گۈللەش ئۇنى ئەھدۇ-قارارىم.
كۆز تەگمىسۇن،قولدىن كەتمىسۇن،
كەتمەس بولۇپ كەلگەن باھارىم.
2017-يىلى6-ئاينىڭ23-كۈنى(كەچ)
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
80 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-24 21:20:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|