ھېيت قەدىمى
شئېر
يىتىپ كەلدى ،بەركەت باشلاپ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت،
پۈتۈن ئەل يۇرت ھاياجاندا قوشاقلار قىتىپ.
ھېيت بېزىكى ساڭزا قۇيماق سالار ئۆيلەردە.
كۈتىۋالارئۇلۇغ ھېيت دەپ قۇربانلىق ئېتىپ.
يىراقلاردىن كىلەر يوقلاپ ئاتىنى بالا،
ئالماق ئۈچۈن ئۇلۇغلاردىن رازىلىق دۇئا.
ئاتىسىزلار- ئانىسزلار يۈرەر قەبىرىستان،
يۈرەكلەرە سىغىنىش ئوتى، كۆزلەردە يىغا.
قازانلاردا گۆش پىشىدۇ داستخانلار مول،
ھېيتلىق دەپ سۇنار چوڭغا بالىلار جۈپ قول.
مىھىر بىلەن پىشىپ چىققان ئايەم ئېشىدىن،
قەلىبلەردىن قەلىبلەرگە ئېچىلار مىڭ يول.
ھېيتگاھنىڭ ئالدى بۈگۈن قاينار سامادا ،
قۇمۇل، ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ ياڭرىتار ناۋا .
يەكەن، مەكىت، تۇرپان، ئاۋات، بايلاردا بەزمە.
ئۇچتۇرپان ھەم كۇچا، ئايكۆل، كەلپىن شادلىقتا.
نەغمە قىلار قۇشلارسايراپ،گۈللەر ناز قىلىپ،
زىمىن يۈزىن سۆيەرشامال ئەركىلەپ قېچىپ.
قوش خوشاللىق كۈز ھۇسۇلى ھېيت قەدىمى،
دېھقان ئاكام ئېيتار ناخشا شادلىقى تېشىپ.
بۈگۈن ئايەم، بۈگۈن ھېيت دىللار يايرىسۇن،
بۇ يايراشلار بىر كۈن ئەمەس، ھەر كۈنى بولسۇن.
ئايەم بولسا بارچە ئۆيدە قۇياشلىق كۈندە،
نەپەس ئالغان ھەر دەقىقە ھېيتتەك ئۆتسۇن.
خ.چەشمە 2015-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
124 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 9:25:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|