كىلەلەمسەن

         كىلەلەمسەن
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )

گۈللەر سۇندۇم سېنى سۆيگەچ نەچچە رەت ،
چىن دىلىمدىن ئاشىق بولغاچ مەن ئەبەت ،
ئەپسۇس پىسەنت قىلمىدىڭغۇ ئەي نادان ،
تەبەسسۈمىڭ قىلىپ خۇشخۇي ، كىلەلەمسەن ؟

يوللىرىڭغا تەلمۈردىمغۇ ئېچىرقاپ ،
ئويلىرىڭغا يىتەرمەنمۇ تېڭىرقاپ ،
سېغىنىشتا ئازاپلاندىم ھەسرەتلىك ،
سۈكۈتلەردە بىھۇش بولماي ، كىلەلەمسەن ؟

چۈشلىرىمدە كۈلۈشلىرىڭ كۆرەي دەپ ،
تىلەكلىرىم بىر سېنىڭكى غېمىڭ يەپ ،
سەھەرلەردە يوللىرىڭغا قارايمەن ،
جانىم سېنى سۆيىمەن دەپ ، كىلەلەمسەن ؟

مەجنۇن بولدۇم سېغىنىشتا مۇڭسىراپ ،
تەنھا يۈرۈپ غېرىپلىقتا ھالسىراپ ،
ئەقىدەمنى بىلەلەمسەن بىلمىدىم ،
بىر سەن ئۈچۈن ياشايمەن دەپ ، كىلەلەمسەن ؟

يازنىڭ غېمى ئۆتۈپ كەتتى بىلدىڭمۇ ،
يۈرەكلىرىم كاۋاپ بولدى كۆردىڭمۇ ،
تاجى تەخىم ئېرىشسەممۇ بەرىبىر ،
ئەقىدەمنى قىلماي خاراپ ، كىلەلەمسەن ،

پەرۋېش قىلىپ گۈللىرىڭنى ساقلىدىم ،
ئانچە - مۇنچە ياۋا گۈللەر تاقلىدىم ،
ئۈمۈدىم شۇ بىر سەن ئۈچۈن جان بېرىش ،
پەقەت سېنى تاللىدىم يار ، كىلەلەمسەن ؟

غېرىپ مىسكىن بولماي دەيمەن ئەبەدكە ،
خۇشتار ئەمەس ياتلار بەرگەن شەرەپكە ،
ئوتلىرىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم  رازىمەن ،
ئازاپ سالما قايتا ئەمدى ، كىلەلەمسەن ؟
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






44 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-14 21:08:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ