مۇساپىرلىق دەردىنى تىتىپ ئۆتەر ھەر بەندە
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
مۇساپىرلىق يامان دەيسىز، ئەمەستۇر يامان،
ئۆزگە يۇرتتا ئۇلتان بولغان ھەقىقى يامان.
پاراغەتنىڭ شەيتانلىرى ئۇچۇرتسا ھەريان،
بۇغداي ئەمەس شامالدا، ئۇچقىنى سامان.
ئامان بولسلا تەنلەر،كلەر يۇرتتىن كەتكەنلەر،
يۈرەكلرى لەختە قان يۇرتنى تەرىك ئەتكەنلەر،
بۇ ئالەمدە كىملەر باركىن،مۇرادىغا يەتكەنلەر،
زىنھار كەلىمىگى يوقتۇر، ئاخىرەتكە كەتكەنلەر.
يۇرىت مىھرىگە، ئەزەلدىن ھەر بەندە خۇمار،
يۇرىت سۈينى ئچكەن قۇشمۇ مەككىدىن يانار.
«ئەل-ۋەتەن»دەپ ياشىغاننڭ قەلبى بىغۇبار،
دۇنيادا پەقەتلا،نائەھلى ئۆز ۋەتېنىدىن تانار.
قايتار يۇرتقا بىر كۈنى،جان بولسا ئەزىز تەندە،
بلەر ھەرنە ئەتىۋارى،گەر قەدىرىگە يەتىكەندە،
مۇساپىرلىق دەردىنى تىتپ ئۆتەر ھەر بەندە،
سىزمۇ بىلپ يىتەرسىز، ئۆزگە يۇرتىقا ئۆتكەند.
2017-يىلى 19-ئىيون گۇما(قارىتاغىز)
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
99 قېتىم كۆرۈلدى | bodak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-19 13:10:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|