چېنىقىپ قوي
باشلامچى...
چېنىقىش يىگىتكە، قانات بېرىدۇ،
جاسارەت، ئىرادە،غەيرەت بېرىدۇ.
چېنىقىش يىگىتنى تاۋلاپ ھەركۈنى،
يېڭىلمەس ئىرادە، ۋىجدان بېرىدۇ.
چېنىقىش ھەركىمنىڭ، كەلمەس قولىدىن،
مەرت بولسا، ئاجىزنىڭ توسماس يولىدىن.
ھەرقانچە مۈشكۈلات، جاپا كەلسىمۇ،
ئويغۇرنىڭ پەخرى بوپ، يانماس ئىزىدىن.
ساغلام ،چىچەنلەر چېنىقىدۇ ھەم،
ئىرادە، جاسارەت،سۇسلىمايدۇ ھەم.
ئۇلار شۇنداق كىشلەر ئىدىكى،
يۈرەكتىن قەۋمىنى،ئۆچۈرمەيدۇ ھەم .
چېنىقىش جىسمانىي، قۇۋۋەتنى بېرەر،
كىتاپ ئوقۇش، روھى قوۋۋەتنى بېرەر.
بىلىمسىز چېنىققان، ھايۋان كۈچ ئالۇر،
بىلىملىك يېڭىلمەس، ئەقلى كۈچ ئالۇر.
ئىككىسى بىرلەشسە، مۇكەممەل بولار،
بىرسى كەم بولسا گەر، ئەسقاتماي قالار.
شۇڭلاشقا تاشلىما، ھەر ئىككىلىسىنى،
شۇندىلا مۇكەممەل، قورالنى ئالار.
245 قېتىم كۆرۈلدى | baxlamqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-14 0:45:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-20 16:18:11 | باشلامچى |
چېنىقىپ ئۇرۇقلاش كۆپ چىدامچانلىق ۋە ئىرادە تەلەپ قىلىدۇ بۇ ئىككىسىنى ھازىرلىيالىسىڭىز چوقۇم ئورۇقلىيالايسىز يەنە بىرسى چوقۇم سەۋىرچان بولىشىڭىز قەرەللىك چىنىقىپ تۇرىشىڭىز كېرەك تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ ... |
2015-9-16 18:32:31 | مىرگۇل |
man qenikip urok lay dega |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|