ۋاپاسىز

         ۋاپاسىز …  
شېئىر
ئابلىمىتجان ۋاھاپ

يۇز ئۆرىدىڭ دىدىڭ،يۇزۇمگە قاراپ،
ھالىمنى بىلمىدىڭ،سۆيگۇمنى خارلاپ.
قەدىرىم يوق يەردىن،كىتىمەن تۇيماي،
يىتىسەن قەدىرىمگە يولۇمغا قاراپ.

كەتتىممەن قالدۇرۇپ يىراققا سىنى،
دىگەنتىڭ ۋاپاسىز ۋەدەڭچۇ قىنى.
مىنى سەن تاش يۇرەك قىلدۇڭغۇ ئەمدى ،
كۇلۇشكە قالمىدى سۆيگۇنىڭ جىنى.

ۋاپاسىزدەپ مىنى كۆرمىگىن ئەسلا،
سىنى مەن ئارماندا قويمايتىم باشتا.
يۇرەكنى پارچىلاپ كەتتىڭ ئۆزگىگە،
پەرۋاسىزمەن ئەمدى كەلسەڭمۇ ياشتا.

مىنى ئەمدى قايتىدىن سوتلىما جانان،
ۋەدەمدىن ئالدىراپ تانمايمەن ھامان.
قىلدىڭ سەن يۈرەكنى ئېزىپ سەكپارە،
ئەقىدەم سۆيگۇمنى ،ساتقىنىڭ يامان.

     


     





50 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-26 1:31:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ