كېتىمىز

كېتىمىز

 

ئەركىن ھېزىمجان كۈيچى

 

 جان پاتماي ئىچىمىزگە كىرلسەكمۇ كېتىمىز،

 ئۆلۈپ ھەربىر قەدەمدە تىرلسەكمۇ كېتىمىز.

 ئوچىقىدا ھاياتنىڭ قايناپ تۆشۈك چۆگۈندەك،

 پەيلى يامان ئىشلارغا بىرلسەكمۇ كېتىمىز. 

 

 نېنى يوققا نان بىرىپ سىخىيلىقتا ئۆتسەكمۇ،

ياكى بىر نان تۇتقۇزماي بىخىللىقتا يۈرسەكمۇ.

 ئۆيسىز ماكانسىز قىلىپ شىغىللىقتا ياتساقمۇ،

 ئالتە شەنى سورىغان شاھ بولساقمۇ كېتىمىز.

 

 ئەل ئاغزىدا تارىختا ياخشى ناملار قالدۇرۇپ،

گاھ قاراڭغۇ دىللارغا مەشئەل-شاملار ياندۇرۇپ.

 كەلسەكمۇ قاغچىرىغان يۈرەكلەرنى قاندۇرۇپ،

قۇرۇق تۆھمەت،غەيۋەتىتىن قۇتۇلالماي كېتىمىز.

 

باققان قۇشىمىز ئۈچۈن چاچساقمۇ دىنمىزنى،

 ياكى ئاغرىپ ياتقانغا بەرسەكمۇ جېنىمىزنى.

سۆيگەن يارىمىز ئۈچۈن تۆكسەكمۇ قېنىمىزنى،

 بەلكىم ۋاپا كۆرەلمەي پۇشايماندا كېىتمىز. 

 

 تەنمۇ ساتتى بەزىلەر جان باقماقنىڭ كويىدا،

ئىچىپ غەپلەت سۈيىنى ئەڭ ئاۋال ئوڭ قولىدا.

 كەلدى باشقا نە قىسمەت ئۇشبۇ ھايات يولىدا،

 گاھى تاپساق يۈز يولنى گاھ تاپالماي كېتىمىز.

 

 دىلىمىزغا يات كۆردۇق ئاقىللارنىڭ سۆزىنى،

 شەيتان بىلەن دوست بولۇپ ئويدۇق مېھىر كۆزىنى.

مەدەنىيەت دەپ يۇرۇپ تۆكتۇق ئەجداد يۈزىنى،

يۈزىمىزنى دۇنيادىن قانداق ئىلىپ كېتىمىز. 

 

 ياغدى پېتنى پاساتلار كەتكەندىمۇ قەبرىگە،

 غاجىلاش شەرەپ بولدىغۇ نەۋرىمىزدىن نەۋىرگە.

 قاچان يېىتىپ بارارمىز قوللاش،قوغداش دەۋىرگە،

 تۆت كۈنلۈك بۇ جاھاندا سۈركۈشۈپلا كېتىمىز.

 

 2013-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى





160 قېتىم كۆرۈلدى ئەركىن ھېزىمجان كۈيچى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 0:30:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-3 2:30:50 ھايات يولۇم
ياخشى چىقىپتۇ قېرىندىشىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ