يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس
مۇخەممەس
ئاپتۇرى: ئېھسان(ئاۋات)
رۇزىكام يازغانتى دېھقان بولماق تەس،
بەزىلەر ئېيتىپتۇ دەك كادىر بولماق تەس.
كىملەردۇر يازغانمىش مالىم بولماق تەس،
يەنە دەپتۇ ھەم بەزىلەر ئايال بولماق تەس.
يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس.
يىغىن بار چىق دىسە چىقمىسا تېخى،
پىشتى بۇغداي ئېتىزدا ئورمىسا تېخى.
سۇلار كەلسە كىچىلەپ قويمىسا تېخى،
قۇناق پىشسا سارغىيىپ سويمىسا تېخى.
يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس.
كىچە-كۈندۈز يازۇ-قىش تۇگىمەس ئىشى،
شەھەرلەرگە بارغاندا سەسكىنەر كىشى.
جاپا ئەمگەك ھاشاردىن كۆتۈرىلمەس بېشى،
شۇنچە جاپا تارتسىمۇ گۆشسزدۇر ئېشى.
يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس.
شەنبە-يەكشەنبە ھەپتىدە يوقدۇر ئارامى،
ئىشلىگەنگە چۇشلۇق ھەم يوقدۇر سارايى.
ئەرىز ئېيتسا ئاڭلارغا يوقدۇر قاياشى،
جاپادا بار ھالاۋەتتە يوقدۇر ئۇنىڭ نامى.
يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس.
ھۇسۇل ئالدى كۈزدە دېھقان باي بولدى ،
ھۇسۇل يىغىپ ئالدىراشلا كەچ بولدى.
ئاتالدى ئۇ باي ئەمما دىلغا غەم تولدى،
يەر ئالۋىنى دەستىدىن باشلىرىغا غەم تولدى.
يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس.
تۇلۇقلىما بەرسىمۇ دېھقالارغا گەر ھۆكىمەت،
يەنە كۆپتۇر قەرىز-پەزلىرى دەرت-ھەسرەت.
دېھقىنىمنى يازغاندا تۈگىمەيدۇ بۇ ھىكايەت،
ئەي ئەۋلاتلار ياخشى ئوقۇ دېھقانلاردىن ئىبرەت.
يەنە دىسەم يەنە شۇ دېھقان بولماق تەس.
2015/9/10كۈنى (چۈش) ئۈندىدار1410037590
ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىڭ!
بايرىمى يوق دېھقانلارغا مەدىھيە ئوقۇغۇم كەلدى .
113 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-11 23:47:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|