بەزىلەر

         بەزىلەر
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )

بىر نان تاپسا داپ چالاركەن ، توختىماي ،
دوستلىرىنى گولدايدىكەن ، تارتىنماي ،
بىلمەيدىكەن ئەقىدىلەر زادىلا ،
ئىنساپ نىمە بىلمەيدىكەن ، ئويلىماي .

ھۇقۇشلاردەك يۈرۈيدىكەن تاغلاردا ،
قىزىل گۈلنى ئىزدەيدىكەن باغلاردا ،
نۇمۇس قىلىش بىلمەيدىكەن ۋېجدانسىز ،
تۇزلىقىنى چاقىدىكەن چانغاندا .

ھەقىقەتنى بىلمەيدىكەن ، بىلمەسمۇ ،
ئاق - قارىنى سەزمەيدىكەن ، كۆرمەسمۇ ،
بىر ۋاق تاماق ئويلىغانمۇ ، بىلمىدىم ،
يالغان - ياۋداق گەپ تاپاركەن ، قەستلەشمۇ .

خۇلۇم - خوشنا زارلايدىكەن سورىماي ،
ئىللىقلىقنى سۆيمەيدىكەن ئويلانماي ،
ئىناقسىزلىق تېرىيدىكەن نۇمۇسسىز ،
مۇھەببەتنى بىلمەيدىكەن مۇڭلانماي .

تومۇزلاردا سالقىن ئىزدەر كەچكۈزدە ،
قەھىرتاندا چوغلار ئىزدەر غەملەردە ،
پارتىيەنىڭ نۇرى ئىللىق ئىدىغۇ ،
تېررورلۇقنى دائىم قىلار چەتلەردە .

ياسالمىلىق قىلىدىكەن سالپىيىپ ،
ھۇشلىرىنى بىلمەيدىكەن غادىيىپ ،
گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغۇ زادىلا ،
پالتا - پىچاق ئىزلەيدىكەن سارغىيىپ .

ئەسەبەيلىك قىلىدىكەن نادانلار ،
ئالىلىقنى سالار ئىكەن قاراملار ،
ۋەتەن قوينى ئىللىق ئىدى بىلمەسمۇ ،
بۆلگۈنچىلىك قىلار ئىكەن ساراڭلار .

ئەقلى كەمتۈك نادان ئىكەن ، ئازغۇنلار ،
تۇزى كوردىن ساراڭ ئىكەن ، قاچقۇنلار ،
پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى ، بىلمەسمۇ ،
تېررورلۇقنى ئويلار ئىكەن ، ساتقۇنلار .
   

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

 





68 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-14 21:10:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ