شۈكرى دەيمەن
ئاپتورى : مېھرىئاي توختىروزى (نازاكەت)
شۈكرى دەيمەن ،بەش ئەزايىم ساق،
چۇلاق ئەمەس يا پۇتۇم ئاقساق.
ئەگرى -توقاي بولسىمۇ ھايات،
روھىم تېتىك ، ئۈمۈدۈم ساپساق.
باش ئەگمەيمەن ياۋدەك مۈشكۈلگە ،
ئۆتكىلى كۆپ بولسىمۇ قات-قات .
يىرتىلدى كۆپ ئايىغىم ئەمما ،
چىكىنمەيمەن ،يەتكۈچە مامات .
شۈكرى دەيمەن ، نىيەتلىرىم ساپ ،
قالساممۇ گەر مەن يالاڭ ئاياغ .
يانار بىر كۈن ماڭغان ئىزلىرىم ،
ئەل قەلبىدە بوپ مۆھۈر ،چىراغ .
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن (قاراقاش)
97 قېتىم كۆرۈلدى | nazakat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-6 10:05:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|