ساۋاقداش

ساۋاقداش

ساۋاقداشلىرىمنى ئويلاپ

 

 ئاپتۇرى ئېھسان ئاۋات

 

بىر چاغلاردا سىنىپتا يۇرەر ئىدۇق تاقلىشىپ،

 مۇئەللىمنى ئۇستازنى خاپا قىلغان قاقشىتىپ.

 مەكتەپدىكى ھاياتتا شۇنچە غەمسز يۇرەتتۇق،

 مانا قالدۇق ئىزدەشمەي بىر-بىرمىزدىن ياتلىشىپ.

 

ساۋاقداشلار ئۆز ئارا قىيدىشاتتۇق سەتلىشىپ،

ئۆتمەستىنلا بەش مىنۇت بىز بۇللاتتۇق ئەپلىشىپ.

 مەكتەپ دىكى ھاياتلار شۇنچە گۈزەل ئىدىغۇ،

 گاھى يامان سۆزلەشسەك گاھى ياخشى سۆزلىشىپ.

 

كەمپۇت ئالساق بەش موغا بىللە يەيتۇق بۈلىشىپ،

 قېچىش ئۈچۈن ئاتلايتۇق بىر-بىرمىزنى يۈلىشىپ.

 مۇئەللىمنى كىمدە كىم خاپا قىلسا ئەڭ ئەۋۋەل،

 شۇ نوچى بۇپ سۆزلەيتى ئاڭلايتۇق بىز كۈلۈشۇپ.

 

ئۇزۇن بولدى ئايرىلدۇق يىراقلىشىپ ياتلىشىپ،

 ئىشلەتمىگەن ساپاندەك كېلەڭسز بۇپ داتلىشىپ.

 ئىزدىشەيلى ساۋاقداش قەدىرلىشىپ ئۆز ئارا،

 ساۋاقداشلىق مېھرىمىز قالمىسۇن يەنە سۇسلۇشۇپ.

 

 ئۈندىدار ihsan571633

تارقاتسىڭز تارقىتىڭ ئاپتۇرىنى ئۇچۇرۋەتمەڭ ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىڭ!





243 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 8:00:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-1 9:05:42 ئ‍ەكرەم،
مەن،رازى،بولدوم
2015-9-30 14:09:25 Rasqiltiwip
Assalamu alay kum kerin daxlar harkan dak tibbi maslating lar bol sa sorixing larni umut kiliman undidar:dawa0991
2015-9-30 9:44:41 زار
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ