سۆيگۈ ئارزۇسى
ئەكبەر راخمان
دۇئالىرىم سەن بىلەن بىللە ،
ئارزۇلىرىم ساڭا باغلانغان .
قايغۇلارغا دەپنە بۇ كۆڭلۈم ،
مىھرىڭ بىلەن قايتا نۇرلانغان .
كۆزلىرىڭدە مۇھەببەت ئۇتى ،
يۈرىگىمدە كۆيەر لاۋىلداپ .
ئۇشبۇ كۆڭلۈم ساڭا تەئەللۇق ،
ئۆزگە گۈلدىن ئالمايدۇ جاۋاپ .
مەنزىلىمگە بولغىن سەپەرداش ،
يۇرۇتقۇسى بۇ يولنى قۇياش .
ئايرىلمىغىن مەڭگۈ يېنىمدىن ،
مۈشكۈل ماڭا سېنىڭسىز ياشاش…
266 قېتىم كۆرۈلدى | DoLan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-29 18:04:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-30 11:33:46 | |
ياخشى چىققان شېئىر |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|