سېغىنىش كۈيى
تۇرسۇنجان ھۈسەيىن
دۈشمىنىم دىۋەيلەپ توستى يولۇمنى ،
بىلمىدىم سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى.
رەقىبىم ھاڭ تامان تارىتتى قولۇمنى ،
بىلمىدىم سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى.
سىنىڭسىز ھىچ خۇشال ئۆتمىدى كۈنۈم،
غەم بىلەن ئۇيقۇدىن بىدار ھەر تۈنۈم،
ئىسمىڭنى چاقىرىپ ئىتىلدى ئۈنۈم،
بىلمىدىم سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى.
قەلبىمدە ئۇنتۇلماس سىمايىڭ قالدى،
تەلمۈرۈپ يولۇڭغا كۆزلۈرۈم تالدى،
دىلىمنى ئازاپلىق سىغىنىش ئالدى،
بىلمىدىم سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى.
بەخىتنىڭ گۈللىرى سۇلدى سەن كىتىپ،
پۈكۈلگەن ئارمانلار ئۆلدى سەن كىتىپ،
دۈشمىنىم شاتلىنىپ سەن كىتىپ،
بىلمىدىم سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى.
ئۆتۈنەي يېنىمغا بىر كىلىپ كەتكىن،
غەم باسقان لۆڭلۈمنى شاد قىلىپ كەتكىن،
ۋە ياكى يىنىڭغا تەڭ ئېلىپ كەتكىن،
بىلمىدىم سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى.
2015-3-27 ئۈرۈمچى
257 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرسۇنجان ھۈسەيىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-20 16:53:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|