يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئورنى
سەيپىدىن ئامۇت
ئەركەك قىلىپ ئۆستۈردى مېنى،
كۈندە بېرىپ ھاياتلىق دېنى.
ئەڭ مۇقەددەس ئېگەللەندى يەك،
يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئورنى.
ئۈمىد بىرلە قاينايدۇ ئەتتىم،
ئۇ بولغاچقا مەردانە قەددىم.
كۈن-تۈن ئۇلاپ بۈگۈنگە يەتتىم،
يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئورنى.
ھېممىتىدىن بارىم ئىپتىخار،
سەھەر-ئاخشام كۈيلىرىمدە بار.
قەلبىمدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك يار،
يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئورنى.
ئۇ بولغاچقا گۈزەلدۇر تۇيغۇ،
چاڭقىغاندا ئۇسسۇزلۇقۇم ئۇ.
ئۇسىز جامدا يۈتىمەن قايغۇ،
يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئورنى.
ئەقىدەمدۇر قۇيۇقتۇر-قۇيۇق،
سۆيگۈ رىشتەم باغلانغان تۇلۇق.
ئاڭا شەكسز بارىم تەئەللۇق،
يۈرۈكۈمدە ۋەتىنىم ئورنى.
2015.5 ئاۋغۇست
209 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 9:31:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 16:57:03 | resalat |
bak yahxi yizipsez💪 |
2015-8-5 15:18:22 | alimjan |
Barikalla ahinam |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|