ئۇيغۇر بىز
ئىسىل شېئىر تەۋسىيە
ئاپتۇر:مۇساجان ئابدۇل،غولجا
ھالال ئىشلەپ جاپاغا كۆنۇپ كەتكەن ئۇيغۇربىز،
كىچە خامان ئېتىزدا يىتىپ كەتكەن ئۇيغۇربىز.
پىشانىدە ئاققان تەر ھالال كۈچنىڭ شاھىدى،
ئاز تاپساقمۇ بارىغا شۇكۈر قىلغان ئۇيغۇربىز.
كىلىپ باققىن ئەي مىھمان،قونۇپ سەھرا ئۆيىدە،
چامىمىزشۇ توخۇغا، يەتسەسويغان ئۇيغۇربىز.
تاما قىلىپ يۈرمىدۇق كەلگەنلەرنىڭ قولىغا،
خوشلاشقاندا كەينىدىن قىيماي قالغان ئۇيغۇربىز.
بەردېگەننى بەردۇق بىز ئەسلا مىننەت قىلماستىن،
قاپاق تۈرۈپ ئۆتنىنى سورمىغان ئۇيغۇربىز.
نەدە بولسۇن بىزلەردە،ھىلە نەيرەڭ شۇملۇقلار،
پۇتلىسىمۇ يىقىتىپ، دۇئا قىلغان ئۇيغۇربىز.
شۇملۇقلارنى بىلمەيمىز ئەزەلدىنلا ئاق كۆڭۇل،
ماڭالمىسا ھالسىراپ، يۈدىۋالغان ئۇيغۇربىز.
ياردەم دىسە بىزتەييا،جان كەتسىمۇ لەببەي دەپ،
ئۆزىمىزنى ئۇنۇتۇپ يۈگرۈپ بارغان ئۇيغۇربىز.
ئىپپەت نۇمۇس سورىساڭ قىزلىرىدا يەتكۈچە،
خىجىللىقتا يۈزلىرى ئوت چاقنىغان ئۇيغۇربىز.
تىلى كۆيسۇن پەسلەرنىڭ، ئۇيغۇرھەيتاڭ دېگەندە،
جەننەت كەبى ئانىنىڭ پەرزەنتىلىرى ئۇيغۇربىز.
مەرىت مەردان ئەركەكلىك يېگىتلىرمىز بار ئەنە،
مىللەت ئۈچۈن تىنىمسىز ياشايدىغان ئۇيغۇربىز.
ئويلاپ قالما ھەرۋاقىت قاشاڭ گالۋاڭ شۇمۇدەپ،
ئىلىم ئۈچۈن جانلاردىن كىچىدىغان ئۇيغۇربىز.
تولمىدۇق بىز ئەسلا غەيۋەت خۇسۇر پەدېگە،
بارچە مىللەت ئەللەرنى تۇققان بىلگەن ئۇيغۇربىز.
چىچىلاڭغۇ دەپ قالما ئۇيان-بۇيان كەتكەننى،
ئۇلىمىزنى ھەرۋاقىت چىڭداپ تۇرغان ئۇيغۇربىز.
ئىشەنمىسەڭ سىناپ باق،دەستىرخانغا داخىل بوپ،
مىھمان كەلدى دەپ ئەنە قويلار سويغان ئۇيغۇربىز.
ئوخشاتمىغىن دەيۈز ھەم، پەس مىجەزلىك ھايۋانغا،
يامانلارنى سىنىڭدىن يامان كۆرگەن ئۇيغۇربىز.
ئاپتۇر:مۇساجان ئابدۇل،غولجا
1822643898،ئۈندىدارى
2015يىلى 8 ئاينىڭ 26 كۇنى
ئەجىرگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قالمىسۇن،ئەجىر بۇزغۇنچىسى ئەڭ يامان ئىللەت
446 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-27 20:58:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-1 8:04:18 | aski18 |
bak yahxikan 👍 |
2015-9-12 10:22:41 | 阿丽旦 |
很好 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|