ئاي
باھارگۈل ئىبرايىم
ئېيتىپ بەرگىن مىسكىن تۇلۇن ئاي،
نە قىسمەت بار سىنىڭ دېغىڭدا؟
جامالىڭغا ئوتلار چاچقانمۇ؟
ئوتلۇق قۇياش سەبى چېغىڭدا.
ياراشمىغاچ يۈزلۈرۈڭگە داغ،
جامالىڭدا قاپتۇ يېتىرقاپ.
ئەللەيلىنپ كىمنىڭ مۇڭىدا،
ئۇخلاپ قالدىڭ يۇلتۇزغا قاراپ.
شامال بىلەن يېشىڭنى سۈرتۈپ،
چۈشلۈرۈڭنى بۇزغۇم يوق بىراق.
كۆتۈرۈلسە قۇياش شۇ مەھەل،
يۇلتۇزلارمۇ قېچىشار يىراق.
تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي
باھارگۈل ئىبرايىم
تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،
ئانا يەرگە نۇرىنى چېچىپ.
چاقىرىدۇ مىنى كونا جاي،
ئاي نۇرىدا كۆزىنى قىسىپ.
تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،
پاك سۆيگۈگە تىلەكلەر تىلەپ.
ئەجىر بىلەن كۆكەرگەن كەڭ ساي،
ئۇخلىتىدۇ بىر كۈن ئەللەيلەپ.
تۈن كۆكىدە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،
مەيىن شامال بىلەن چىرمىشىپ.
ئاي ھۆسنىدە كۈلكە تەبەسسۈم،
قىلار دىلنى بەكمۇ خوش كەيىپ.
شۇ مىھىرلىك نۇرانە ئاخشام،
يۈرەكلەردە ياشنىسۇن ئەبەد.
ئاي كۈلكىسى بولمىسا يالغان،
ۋىسال تاپار ھامان مۇھاببەت.
يۈرۈكۈمدە تۇرسا داغسىز تۇلۇنئاي
باھارگۈل ئىبرايىم
ئايدىڭ كىچە دېرىزىنى ئاچتىممەن،
ئىللىق شامال سىيپاپ ئۆتتى يۈزۈمنى.
سىنى ئويلاپ چۆكتۈم تاتلىق خىيالغا،
تۇلۇن ئايغا تىكىپ ئويچان كۆزۈمنى.
ئەركە شامال شىۋىرلىدى مۇڭلىنىپ،
كۆردۈڭ ئەنە تۇلۇن ئاينىڭ ھۆسنىنى.
نە ئۈچۈندۇر قارا داغلار ئوراپتۇ،
ئۇنىڭ سۈتتەك ئاپپاققىنە يۈزىنى.
نە قىسمەت بار تۇلۇن ئاينىڭ دېغىدا،
ئويلاپ قالدىم ئەركە شامال سۆزىنى.
بىر ياخشىغا بىر ياماننى يانداتقان،
تەغدىر ئىكەن دەپ بەزلىگەچ ئۆزۈمنى.
سالقىن شامال سۆيۈپ مىنىڭ مەڭزىمنى،
ئەسلەتكەن شۇ مىنۇتلاردىن ئايلىناي.
يۈرۈكۈمدە تۇرسا داغسىز تۇلۇنئاي،
ئايغا قاراپ خىيال سۈرۈپ نە قىلاي.
2015-يىل باي
220 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 19:28:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-4 11:31:56 | م، ئىزچى |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، تىرشىپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|