ئۆلۈپ كەتسەم
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
ئۈلۈپ كەتسەم ئەسلەمسەن مىنى،
خوشمۇ دىمەي ئەجەل كەلگەندە.
قەبرە بېشىغا قۇيۇپ ئەتىرگۈل ،
خىيالىڭغا ھەردەم يەتكەندە.
ئۈلۈپ كەتسەم ئەسلەمسەن مىنى،
خوشال ئۆتكەن چاغلاربىلەن تەڭ.
گۆرنىڭ ئىچىدە قىسىلغىنىمدا،
تۇيۇلارمۇ دۇنيا ساڭا كەڭ.
ئۈلۈپ كەتسەم ئەسلەمسەن مىنى،
دۇئالىرىڭدا جەننەت تىلىگەچ.
ئۇنتۇپ قالما مىنى ھەرگىزمۇ
ئازاپلانما لىكىن كۈندە كەچ.
ئۈلۈپ كەتسەم ئەسلەمسەن مىنى،
مىنى سۆيگەن پاك قەلبىڭ بىلەن.
كىرسەم ئەگەر چۈشۈڭگە سىنڭ،
ياشلار تۆكمە،ئازاپلانما ھەم.
ئۈلۈپ كەتسەم ئەسلەمسەن مىنى،
يوقلاپ كىلىپ قەبرەم بېشىغا.
ئۈتۈپ قالساڭ قەبرەم ئالدىدىن،
ئىسمىڭنى ياز قەبرەم تېشىغا.
2015-يىلى 09-ئاينىڭ10-كۈنى
(پەيشەنبە كەچ سائەت12:10)
200 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-1 0:02:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|