سىغىنىش

         ئاشىقلىق

كىملەرگە جۈر بولغان ئاپئاق نۇر-زىيا ،
كىملەرنىڭ چۈشى بار چىغىر يوللاردا .
ئاشىقلىق كىملەرگە بولمىغان ھەمراھ ،
مۇرادىغا يەتكۈزدى كىمنى بۇ دۇنيا .

ئېيتقىنا ئەي جانان ئەمدى ناخشاڭنى ،
يۈرەكنى ھەسرەتكە ، چىلاپ دەرتلەرگە .
بىلمىدى سىرىڭنى تاش يۈرەك  كۆڭلۈم ،
قىيىنىلىپ يۈرىمەن ۋىسالسز تۈندە .

يۈرىكىم مۇزلىغان قاقشال بىر بەدەن ،
كۆز ئالدىم ، كۆزۈمىدە   كۆرۈنەر  كۈلكەڭ .
سۆيىمەن ئەبەتكە سۆيمىسەڭمۇ ھەم ،
كۆنمەيدۇ بۇ يۈرەك ياۋلارغا بىلسەڭ .

ئاماننىسا يۈسۈپ      ئۈرۈمچى
14-دىكابىر
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






141 قېتىم كۆرۈلدى ئاماننسا .يۇسۇپ‘ ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-14 21:44:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ