تىلەكلىرىم
روشەنگۈل مۇھەممەد (مودەن)
تىلەكلىرىم كۈۋەجەيدۇ دېڭىزدەك،
ئارام بەرمەي پىچىرلايدۇ ئىچىمدە.
خىياللىرىم بوي بېرەيمۇ دېمەيدۇ،
ئۇيقۇ كەلمەس جىمجىت مۇشۇ كېچىدە .
ئەنسىز سېلىپ بۇ يۈرىكىم سىرقىراپ ،
خىياللىرىم كەتتى قاياق پېتىراپ .
بىر سېغىنىش چىللاپ كەپتۇ دىدارنى،
ئارزۇلىرىم بۈگۈن قاپتۇ ئېچىرقاپ .
سېغىنىشتىن زېمىن سەھەر يىغلايدۇ،
ئارمانلىرىم قامچىلايدۇ پىغاننى.
دىدارىڭغا تەققاس بولدى نۇر قۇياش ،
مېھرىڭ بىلەن يورۇتساڭ بىر جاھاننى!
مۇھەررىر: مۇھەممەدتوختى سەببەت
205 قېتىم كۆرۈلدى | modan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 23:57:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|