كۆڭلۈم

كۆڭلۈم

 

 گۈلئاي

 

 چەكمىگىن پەريادلار بولدى بەس كۆڭلۈم،

 كىملەرنى ھەسرەتتە كۈتتۈڭ تەس كۆڭلۈم.

 قەدرىڭنى قىلغانغا پەرۋامۇ قىلماي،

 كىملەرنىڭ ئىشقىدا بولدۇڭ مەس كۆڭلۈم.

 

 تۆكمىگىن ئۈنسىز ياش مۇڭلانما كۆڭلۈم

 پۇشايمان ھەسرەتتە تولغانما كۆڭلۈم .

 غورىدىن ھالۋىمۇ پۈتەر بەزىدە،

 شەيتانغا جۆر بولۇپ بۇلغانما كۆڭلۈم.

 

 باھاردا گۈل بولۇپ ئېچىلغىن كۆڭلۈم،

 زىمىنغا نۇر بولۇپ چېچىلغىن كۆڭلۈم.

تىنىقىم قالغۇچە سوقۇپ دۈپۈلدەپ ،

ۋاپادار يۈرەككە قېتىلغىن كۆڭلۈم .





148 قېتىم كۆرۈلدى GULAY ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 6:53:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ