كۈلپەت
روزىگۈل ئابدۇللا
بۈگۈن
قولۇم تۇتماس،
پۇتۇم باسماس،
قۇلاق ئەسلا ئاڭلىماس،
بۇ ئەسكى كۆڭۈل ھېچنەرسىنى تاتماس.
چۈنكى،
كەتتى بەختىم،
كەتتى تەختىممۇ ھەم ،
تونۇردەك ئىسسىق مىھىرلەر يىراقتۇر ماڭا.
بولدى سورىما،
نە دەردىمنى ئېيتاي،
سۆزلىمەس تۇرسا بۇ دىل.
ئانا،
ئۇ بىر ئانا،
ئانا ئىدىغۇ ئۆزى ؟
مىھىرگە تولغان كۆزى،
شۇنچىكى سىلىق سۆزى،
ئاھ دەردىم ئۇ ئانا ئىدىغۇ؟
تىلىفۇن ئۇرالمايمەن،
ئەركىلەپ يۈرەلمەيمەن،
باشقىچە دىيەلمەيمەن،
مەدھىيە بىرەلمەيمەن،
چۈنكى ئەقلىم كىسىلدى .
قولىغا،
يۈزىگە ،
ئاھ خۇدا پۇتلىرىغا،
ئەسلا سۈيەلمەيمەن .
ئەمدى كىمگە باتنارمەن،
قايسى ئاشنى ئىلغارمەن،
قانداق ئاتتا چاپارمەن،
نى قازاندا قاينارمەن،
نە بۇلۇڭدا يىغلارمەن،
ئاخىر قانداق ئۆلەرمەن،
- بىلگۈچىگە
شەلۋەرىگەن نىمجان يۈرەك ئىگىسى بولمىش ماڭا
ساقايماس يارا،
تېپىلماس دورا ...
نە كۈن كۆرەي مەن ئەمدى ،
تاشتىن قاتتىق كۈلپەت بۇ .
150 قېتىم كۆرۈلدى | روزىگۈل ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-2 11:18:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|