ﺋﻪلۋىدا ﻳﺎﺭﯨﻢ
مەمەتجان سەمەت
ﻛﻪمبەغەل ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻱ ﻣﯧﻨﻰ،
ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ بوپتۇ قوشۇلماي ﺳﯧﻨﻰ.
بولماس بولدى تويىمىز ئەمدى،
ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪلۋىدا ﻳﺎﺭﯨﻢ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ئىۋەن،
پۇت قولۇمغا ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ﻛﯩﺸﻪﻥ.
ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺭﻩﻧﺠﯩﻤﻪﻱ چۈشەن،
ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪلۋىدا ﻳﺎﺭﯨﻢ.
ئۈزۈلمەيتى ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺭﯨﺸﺘﯩﻤﯩﺰ،
ﺑﻪﻙ چىڭ ئىدى ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﯨﻤﯩﺰ.
قوشۇلماپتۇ بىزنىڭ ﺭﯨﺴﻘﯩﻤﯩﺰ،
ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪلۋىدا ﻳﺎﺭﯨﻢ.
ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﻣﻪﻥ ﺳﺎڭا،
ﺳﻪنمۇ ﺑﻪﺧﺖ تىلىگىن ماڭا.
كۆزلەر مەڭگۈ ﺗﻮلمىسۇن ﻳﺎﺷﻘﺎ،
ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪلۋﯨﺪا يارىم
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
252 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 12:04:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|