سەھرالىقنى پەس كۆرمىگىن
ئاپتورى: ھەزرەتئېلى سەمەت
نادان كۆرۈپ كۆڭلۈڭنى سەن غەش قىلمىغىن،
تەقى-تۇرقى مەينەت بولسا پەس كۆرمىگىن.
ئەجىر قىلىپ ساۋاپ قىلغان ئىشلىرىدىن ،
قۇسۇر ئىزدەپ غەيۋەت قىلىپ نەس كۆرمىگىن.
سىنى ئىزدەپ ياردەم سوراپ كېلىپ قالسا،
ئېلىپ قاچما سەن ئۇنىڭدىن ئۆز-ئۆزۈڭنى.
بىز ھەممىمىز ئوخشاش تۇرساق بىر مىللەتتىن،
قىلما ئى جان! ئالايلىتىپ قاش كۆزۈڭنى.
مېھمان بولۇپ ئۆيگە بارساڭ سەھرالىقنىڭ،
قويىدۇ ئۇ داستىخانغا مېۋە-چىۋە.
كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن مېھمانلارنىڭ،
زابايلاردەك تىزمايدۇ ئۇ ھاراق-پىۋە.
سەن ئۆزۈڭمۇ ئەۋلادىسەن سەھرالىقنىڭ،
ياشاپ ئۆتكىن ئۇلار بىلەن ئىناق بولۇپ.
دىلىمىزنى بىرلىك قىلىپ دوس بولايلى،
ئۆتسۇن ئۆمۈر كۆڭۈللەرگە شادلىق تولۇپ.
364 قېتىم كۆرۈلدى | xohyigit | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-30 21:59:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-28 2:31:39 | G |
ھەزرتېلى سزنى داۋاملق قوللايمز،ترشڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|