خوشامەتچى
شېئىر
رامىلە ئەركىن ئىزدەن
جاھان بابىنى خاراپ قىلدىڭ تىلى شېكەر خوشامەتچى ،
ئۇرۇق -تۇغقان دوست -يارەننى يىراق قىلدىڭ خوشامەتچى .
ئاجىزلارنى كۆزگە ئىلماي كۈچلۈكلەرگە يىقىلىپ ،
ئادىمىيلىك گۈللىرىنى دەسسەپ ئۆتتۈڭ خوشامەتچى .
ھەقنى ناھەق ئالدىدا ئىگىلدۈرۈپ سۇندۇرۇپ ،
روھى گاداي گالۋاڭلارنى ئەزىز قىلدىڭ خوشامەتچى .
ئاۋام ئۈچۈن ئەڭ ئالدىدا مەيدە كېرىپ ماڭغانلارنىڭ ،
پۇتلىرىنى يالغانلاردا چېپىۋەتتىڭ خوشامەتچى .
ئۆز نەپسىڭگە چوغ تارتىپ ئەل رىسقىنى كېمەيتىپ ،
شۇ چوغۇڭدا ۋىجدانىڭنى كاۋاپ قىلدىڭ خوشامەتچى .
ھەربىر قەدەم مېڭىشىڭدا گۈل -چىمەننى دەسسەپ يانجىپ ،
ئۇنى ئازدەپ شۇملۇق ئۇرقى چېچىپ ئۆتۈڭ خوشامەتچى .
ھاياتىڭدا مەنسەپ ئۈچۈن نومۇسۇڭنى قايرىپ قۇيۇپ ،
مال -دۇنياغا ھاياتىڭنى تىكىپ قويدۇڭ خوشامەتچى .
بىچارە شۇ يوقسۇللارنىڭ ئازغىنە ئۈلۈشىدە ،
تۇرمۇشۇڭنى بۇ دۇنيادا راۋاج قىلدىڭ خوشامەتچى .
بىلسەڭ ساڭا ھارامدۇر بۇدۇنيانىڭ ھاۋاسىمۇ ،
بۇلغاۋەرمەي بىزنىمۇ ھەم ئۆلۈپ كەتكىن خوشامەتچى .
ئەل -ئاۋامنىڭ قارغىشى تېگىپ ساڭا ئوقيا بولۇپ ،
ئۇ دۇنيانىڭ دەۋزىخىدا كۆيۈپ كەتكىن خوشامەتچى .
2015-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى