توختىغان ئەللەي ...
تۇغۇلدى بىر بوۋاق ،ياڭرىدى ئەللەي
تەمتىلەپ مىڭىشتىن چوڭ قەدەم ئالدى ،
چوڭ بولدى ياشىدى كۆردىلەر كۆپنى ،
ھالا بىركۈن تۇپراق ئۇنى قوينىغا ئالدى ....
تۇغۇلسا بىر بوۋاق ياڭرىتىپ ئەللەي ،
بولغاي ئۇ جاھاندا بەخىتلىك ئىنسان .
چۇنكى شۇ ياڭرىغان ئەللەيلەر توختاپ
قېتىلار رەھىمسىز تۇرمۇشقا ئىنسان .....
تۇغۇلغان بىر بوۋاق ياڭرىتىپ ئەللەي ،
تۆت كۈنلۈك جاھانغا پاتماي ياشىدى .
ئويلىماس ماماتنى بەلكىم ھىچ كىشى ،
بىر بوۋاق تۇغۇلدى ،ياشىدى ،كۆردى ھەم كەتتى !
دىلنۇر يازمىسى
2017-1-11
ئۆلۈمدۇر ئاخىرقى قىسمەت
بۇھايات ئۇزۇنمۇ ۋايساپ ئۆتكۈدەك
قايغۇغا بۆلىنىپ ،ئازاب يۇتقۇدەك ،
پۇتكەننى كۆرمىگەن كىم بار ئىيتقىنا ؟
تەغدىرنىڭ ئالدىدا مەيدە كەرگۈدەك !
كىم باركەن تەغدىرنى قايتا يازغۇدەك ؟
پۈتمىگەن قىسمەتنى كولاپ قازغۇدەك ؟
كىم باركەن تۇغۇلۇپ ئۆلمەي ئۆتكۈدەك
رەببىمدىن بىسوراق قىل تەۋرەتكۈدەك .
ئالغان ھەر نەپەستىن ھەر قەدەمگىچە ،
كەلگەن ھەر تەلەيدىن دەرت ئەلەمگىچە ،
بارىدىن يوققىچە ،كۈن ھەم تۈنگۈچە .
ھەممىنى پەقەت بىر رەببىم بىلگۈدەك !
خۇلاسە ،ھامىنى ئىنسان ئۆلگۈدەك ......
دىلنۇر يازمىسى
2017-1-11
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
44 قېتىم كۆرۈلدى | NAZUK | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-19 2:54:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|