ئۈرۈمچى ئىشقى
كەۋسەر
تەنھالىقتا يۈرگەنىدىم كۆپ مەھەل،
ئارزۇيۇمدا ئۈرۈمچىنىڭ سىماسى.
پۇرسەت بەرسە ئەگەر ماڭا بۇ ئەجەل،
قانار بەلكىم ساڭا كۆزلەر قاراسى.
تالاي يىللار ۋولقان بولغان ئارزۇلار،
ئاخىر ماڭا گۈل ھۆسنۈڭنى كۆرسەتتى.
ئارىلىدىم ھەر كوچاڭنى ئۈرۈمچى،
تىنىقلاردا ھۆر ھاياتلىق يۈرەتتى.
گۈزەل ئىكەن كۆكنى سۆيگەن بىنالار،
ئاشىقلىقىم تۇتتى يېشىل باغچاڭدا.
مەپتۇنكاركەن سۆزى ئىللىق سىمالار،
تېپىۋالدىم ھۆرمىتىمنى ناخشاڭدا.
ياخشى ئوقۇپ بىر كۈنلىرى كېلىمەن،
قۇچىقىڭغا يېڭى بىلىم ئالغىلى .
نەتىجەمدىن ساڭا جاۋاب بېرىمەن،
رايىڭ بارمۇ مېنى ئىشقا سالغىلى؟
140 قېتىم كۆرۈلدى | kawsar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-4 23:40:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|