تەنھا كېچە
ئابدۇرەھىم يېڭسار
كۆكتە يۇلتۇزلا تۇرار جىمىرلاپ،
ئاي يالغۇز تەنھا بۇ كېچە.
ئايغا قاراپ يىگانە بىر ئاشىق،
سۆزىنى ئايغا ئېيتار شۇ كېچە.
يارنى ئويلاپ ئۇيقىدىن بىدار ،
كۆرشەرمەن قاچانمۇ دىدار.
ئوتقا سېلىپ مۇشتەك يۈرەكنى،
كەتتىڭ مەندىن يىراققا نىگار .
ئۇيقۇ يوق كۆزۈمدە ئۇزۇن بۇ كېچە،
يارنى سېغىنىپ ئۆتكەن بۇ كېچە.
چۈشۈمدە كۆرىمەن گۈلۈم ۋەسلىنى،
ئويغانسام يالغۇزمەن تەنھا بۇكېچە .
ئابدۇرەھىم يېڭسار
245 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇرەھىم يېڭسار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 2:46:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 4:44:01 | گۇلناز |
بۇ شېئر بەك ياخشى يېزلىپتۇ،، بۇنىڭدىن كىينمۇ مۇشۇنداق ياخشى شېئر لارنىلارنى يىزشىڭىزنىىزنى ئۇمۇت قىلمەن ،…… |
2015-8-4 11:41:41 | م،ئىزچى |
ۋەزەنگە دىققەت قىلىڭ، |
2015-8-3 12:41:00 | گۇلمىرە |
بىرىنچى كۇبلىتنىڭ : ئايغا قاراپ يىگانە بىر ئاشىق ، دىگەن قىسمىدىن بىر دىگەن خەتنى چىقىرۋەتسەك تىخىمۇ ياخشى بۇپ چىققۇدەك ، ئايغا قاراپ يىگانە ئاشىق ، باشقا كۇبلىتلىرى ئاساسەن ياخشى چىقىپتۇ ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرشىڭىزغا تىلەكداشمەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|