غۇلجا قىزى شائىرە ئارزىگۈل ئوسمانغا تەقدىم
مېھىرنىسا قۇربان
يۈزلىرىڭدىن تۆكۈلىدۇ خۇشال كۈلكە،
ئوخشىتىمەن شۇڭا سېنى قىزىل گۈلگە.
ھوزۇر بېرەر دىلغا ئارام تەبەسسۇمىڭ،
ئەتراپىڭدا بىللە يۈرگەن ھەر كىشىگە.
كۈلۈشلىرىڭ يېقىملىقتۇر خۇددى باھار،
زىناقلىرىڭ گۈل يۈزىڭگە بەك قاملاشقان.
قاراشقىلا چىچەنلىكىڭ چىقىپ تۇرار،
بۇدۇر چىچىڭ ئۆزۈڭگىمۇ زەپ ياراشقان.
ئايال زاتى تۇرۇپ مەنمۇ ئاشىق بولدۇم،
مىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن يۈزلىرىڭگە.
قانچە يىگىت كۆيدى بەلكىم ئاشىق بولۇپ،
كۈلۈپ تۇرۇپ قىيا باقسا شۇ كۆزلىرىڭگە.
قەلەملىرىڭ ئۆتكۈر شەمشەر ئۆچمەس ئىزى،
يېزىۋەتتىڭ بەكمۇ ئېسىل« غۇلجىلىق»نى.
كۆيۈپ شامدەك ئىلىم بېرىپ غۇنچىلارغا،
يەتكۈزدىڭغۇ ۋەتەن ئەلگە مولچىلىقنى.
توختاپ قالماي چېپىپ تۇرسۇن قەلەملىرىڭ،
چۆرۈپ تاشلا بولسا ئەگەر ئەلەملىرىڭ.
تىلىكىم شۇ تولسا دەيمەن چىمەنزارغا،
ھاياتلىقتا ماڭغان ھەر بىر قەدەملىرىڭ.
كۆز تەگمىسۇن ساڭا ھەردەم ئارزىگۈلۈم،
ئامان بولغىن نەدە بولساڭ تىلەي ئۆزۈم.
ساڭا ئاتاپ يازدىم بۈگۈن ئۇشبۇ شېئىر،
يىقىن دوستۇم دەيمەن سېنى يۈرەك سۆزۈم.
2017-5-10 غۇلجا شەھىرى
تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۇندىدار:qq1165181314
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسابىرى
ئۇندىدار:2041420589
47 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-11 0:11:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|