ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرىدىن
(1)
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس ،
شائىرغا ھېرىس تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
(2)
ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
(3)
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش.
(4)
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پېلەك،
چېچەكسىز پېلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
(5)
ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە ،
ئادەمگە ياراشماس، سۆڭەك تالاشماق.
(6)
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم ،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ ، چېكەرسەن ئەلەم.
(7)
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقۇچە قول ،
ئوتۇنچى ئايالنىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجدارلارنىڭ تاجىسى كۆزى بولغۇچە ،
كۆكلەم يامغۇرنىڭ بىر تامچىسى بول.
(8)
بىلمەكتىن مۇراد، نام -شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا ، ئۇشبۇ بەستۇر.
(9)
سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار ،
بىھەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.
ۋە لېكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى ،
رىيازەتسىز قاچان بېرىپ تاپقان بار.
(10)
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا ،
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىرى يەنە قەبرە ئالدىدا.
192 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-2 0:56:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|